ھىدايەتنامە

ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا)

ئەلۋىدا دەپ ماڭارمەن بەلكىم شۇنداق بىر كۈنى،
قوغدالماسمەن ھەتتاكى ئۆز-ئۆزۈمنىڭ جېنىنى.
مۇنكىر-نىكىر باشلىسا سۇئال-سوراق، قىيناقنى،
شىۋاق باسار يوقلاقسىز ـــ غېرىبانە قەبرەمنى…

 

Continue reading

ئىستەيمەن

ئادىلجان ئابدۇرېھىم(نىدا)

ئالەم ئارا يۇلتۇزلار كېزىپ چىقماقنى ئىستەيمەن،
ھەر يۇلتۇزغا ئىسمىڭنى يېزىپ چىقماقنى ئىستەيمەن.

لالە-رەيھان پۇرايتتى خۇشبۇي ھىدىڭ دىماققا،
گۈل بېغىڭدىن گۈلدەستە تىزىپ چىقماقنى ئىستەيمەن.
Continue reading

«زامانە ئاخىر بولغانسېرى كۈن قىسقىراپ، كۈننىڭ بەرىكىتى قالمايدۇ،» دېيىشىدىكەن كونىلار. كۈننىڭ بەرىكىتى قالمىدى دېگەنلىك ئۆمۈرنىڭ بەرىكىتى قالمىدى دېگەنلىككەن، بۈگۈن بىللە بولغانلار ئەتىگىچە بارمۇ-يوق، بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدىكەن. ئىشقىلىپ، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز ئۆمرىمىزنى مەنىلىك ياشىغىلى نېسىب قىلسۇن!

Continue reading

يامغۇر

 

ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا)

 

دەرىزەمنى چېكىدۇ يامغۇر،

بارمىدۇيا دەيدىغان گېپى؟

چېكىشىدىن تىپچەكلەر يۈرەك،

كەلگەنمىدۇ يارنىڭ خەۋىرى؟

 

 

ھەر تامچىسى ئاققاندۇ كۆزدىن،

سېغىنغاندا يار مېنى بەلكىم.

ئىچ-ئىچىدىن چىققان ئازاپنى،

پىنھانلاردا كۆرمىدى ھېچكىم…

 

[Sheir] Yamghur0

بولدى يامغۇر چەكمە يۈرەكنى،

ئارام ئالسۇن بىچارە زەئىپ…

ئېزىلمىسۇن ئۇزاقتىن-ئۇزاق،

ئەستىن ئۆتسە كەچمىشلەر كېچىپ…

 

2016-يىلى 24-چىللە، ئۈرۈمچى

خالىڭ

ئادىلجان ئابدۇرېھىم (نىدا)

ئەركىلىپ سۆيگەندە مەڭزىمنى سابا،
سورايمەن يار سېنى ئۇنىڭدىن تەكرار.
يېنىشلاپ پۇرايمەن بارمىدۇ ھىدىڭ،
ئەمما ھېچ سېنىڭدىن خەۋەر يوق زىنھار.

Continue reading